ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﺎﻏﻼﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ، ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼيلى

图片[1]-ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﺎﻏﻼﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ، ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼيلى-UTLUK博客

ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﺪﻯ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯧﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﯘ ﭘﯩﺘﻰ، ﺋﻪﮪ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ….

ﺋﻪﻝ-ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ، ﺩﻭﺳﺖ-ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﻮﻳﻤﯘ ﻗﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ،

ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻤﯘ 19 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﮔﯘﻱ، ﻣﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ 25ﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺳﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺗﺎﭘﺎﺭﺳﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺷﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ، ﺧﻪﭖ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻳﻐﺎ ﺋﯚﭺ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻐﯘ ﺯﺍﺩﻯ،(ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﮪﻪ، ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻣﻪﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻛﯜﻡ، ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺧﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﻛﺎﻣﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻻﻱ، ﺋﺎﻛﺎ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻣﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻛﺎﻡ)ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﭼﻮﯓ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﯜﺯﺩﯛﻣﺪﻩ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺑﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﯘﻣﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﻣﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻣﯘ ﻳﺎ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ …!

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ، ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻳﻠﯘﻗﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺗﻤﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ.

ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ «ﺋﯚﮪﯚ» ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟

ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺮﺍﻕ ﺗﻪﮔﺴﻪﯕﻼ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ…

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﺩﯗﻡ:

ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ ﮪﺎﺭﯞﯨﻐﺎ،

ﻛﻮﻧﺎ ﮪﺎﺭﯞﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻰ ﻳﻮﻕ.

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ،

ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﭘﯘﻟﻰ ﻳﻮﻕ.

图片[2]-ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﺎﻏﻼﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ، ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼيلى-UTLUK博客

ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﯘ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ، (ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯧﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻰ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻤﻰ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،…ﺋﻪﮪ، ﺷﺎﮪﺮﯗﮪ ﺧﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ﻳﺎ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯨﻴﻤﻪﻥ ﮪﻮﻱ)

ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ 18 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﮪﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ 20 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟!

ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺑﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﺪﯗﯗﯗﯗﯗﺭﺭﺭ

图片[3]-ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﺎﻏﻼﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ، ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼيلى-UTLUK博客

ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭘﻼ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻻﻳﻤﯩﺰ، ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮪﯘﺯﯗﺭﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ (ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻕ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﭼﺎﭼﺘﯘﻕ، ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ) ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻮﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﻪﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ…

ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯘﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻥ: ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯩﻖ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ، ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻮﻥ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ، ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﭽﻪ، ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﮪﺎﻧﯩﺪﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﯜﻡ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎﻕ ﺋﯜﭺ ﻛﻮﻱ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﻪﻟﻤﻪﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﺋﻮﻳﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﯟﺍﻻﺗﺘﯘﻕ، ﯞﺍﯕﮕﯜﻩﻥ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻛﺎﺳﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻳﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ، ﺗﺎﻳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﯧﭻ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺷﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﻰ ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﭽﯘ ﺩﻩﭖ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻤﯘ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻜﯩﻦ، ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ، ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟ (ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ) ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﯩﻚ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، (ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﮪﯥ ﮪﯥ) ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﯓ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪﻡ، ﻣﯧﮭﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪﻡ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺩﻩﭖ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ…

ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺵ، ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﮪﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ…

©ئەسەر ھۇقۇقى توربىكىتىمىزگە تەۋە
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك9.1W+ياقتۇرۇش يوللاش
ئىنكاس مەدەنى يىزىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز