-كاللاڭ ئىشلەمدۇ يا؟nn- ئىشلەيتتى، بۈگۈن دەم ئاپتۇ.

1

-كاللاڭ ئىشلەمدۇ يا؟

– ئىشلەيتتى، بۈگۈن دەم ئاپتۇ.

2

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاداۋىتىم بار ھەممە كىشىلەرنى كەچۈرۋېتىشنى قارار قىلغانتىم، ساق بىر كېچە ئۇخلىماي كەچۈرسەممۇ يەنە ئازراق ئېشىپ قاپتۇ.

3

ئاسماندىن پوشكال چۈشسىكەن دەپ ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن خوشام يوق، ساقلىغاندىكىن گۆشنان ساقلىسا بولمامدۇ پوشكالنىڭ نەرى مېززىلىك دەيمەن.

4

رەسىمىڭىزنى ئەۋەتىپ «مەن چىرايلىقمىكەنمەن» دەپ سوراپسىز، ھەئە دەي دېسەم تور ئالدامچىلىقىغا چېتىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.

5

مېنى سېتىۋەتكەن دوستلىرىمغا دەيدىغىنىم:

– جىڭلاپ سېتىشساڭ بومامتى ۋا~

6

بۇرۇن مېنى پۇلى يوق دەپ ياراتمىغانتىڭ، ئەمدى ئۇچۇر قىلسام قايتۇرمىدى دەپ ئاغرىنما!قولۇمدا لىق قۇرۇق بوتۇلكا بولغاچ قايتۇرالمايدىكەنمەن.

7

بۇرۇن ئۆيدىكىلەر مېنى ياقا يۇرتتىكىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشەرمۇ دەپ ئەنسىرەيتتى، ھازىر بويتاق ھالەتتە 30 ياشقا كىرىپ ئۇلارنى بۇ غەمدىن خالاس قىلدىم.

8

ئەگەر قىز دوستىڭىز بىلەن بىر مىليون پۇلدىن بىرسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، نەچچە مىنۇت يالغاندىن ئويلىشىسىز؟

9

ئەگەر قىز دوستىڭىز بىلەن بىر مىليون پۇلدىن بىرسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، نەچچە مىنۇت يالغاندىن ئويلىشىسىز؟

10

ھېچكىمگە ھەۋەس قىلماڭ، ھەرقانداق كەسىپنى ئۇزۇن قىلسىڭىز شۇ ئىشنىڭ پىرى بولۇپ كېتىسىز، مانا مەن كۈتكۈچىلىك قىلغىلى بىر يىل بولدى، خېرىدارنى نېمە بۇيرىتىدىغانلىقىنى بىر سوراپلا بىلەلەيمەن.

11

نېمىشقىكىن، يول بويىدىكى تۈزۈك نامى چىقمىغان ئاشخانىلارنىڭ تامىقى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ، شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك سېلىنغان، داڭقى بار رېستۇرانلارغا كەلسەك مەن كىرىپ باقمىغان.

12

ئادەم بىرگە ئېرىشسە بىرنى يوقىتىپ تۇرىدىكەن، مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى، لاتارىيەدىن مۇكاپات چىقىپ نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشتى، غەم قايغۇلىرى شۇنىڭ بىلەنلا يوقاپ كەتتى.

©ئەسەر ھۇقۇقى توربىكىتىمىزگە تەۋە
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك18.5W+ياقتۇرۇش يوللاش
ئىنكاس مەدەنى يىزىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز