تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ كەچلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن .
مەن بۇرۇنقى تېمىلاردا يانفوننىڭ ئۆزىدە رەسىمدىكى سۇ باسمىنى يوق قىلىش دېتاللىرىنى يوللىغان ئىدىم ، شۇ تېمىدىن كېيىن بىر قىسىم تورداشلار ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغان فىلىمدىكى سۇ باسمىنى يوق قىلغىلى بولىدىغان دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى بارمۇ يوقمۇ دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن .
بۈگۈن ئەڭ كۈچلۈك بولغان سىن ۋە رەسىمدىكى سۇ باسمىنى يوق قىلىش كومپيۇتېر دېتالنى ئېلىپ كەلدىم ، win , mac نۇسخىسى .
ئەگەر سىز ھېچقانداق سۇ باسما ماتېرىيالى يوق سىن ماتېرىيالىغا ئىگە بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۇ ھالدا سۇ باسما تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىش دېيىشكە بولىدۇ .
ئادەتتە بىز رەسىم ۋە سىندىكى سۇ باسىمىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ، مەلۇم سىن تەھرىرلەش دېتالى ۋە رەسىم تەھرىرلەش دېتالى ئارقىلىق سۇ باسما بار ئورۇننى تۇتۇقلاشتۇرۇپ يوق قىلىمىز .
ئەمما بۇنداق بولغاندا يەنىلا سىن ئۈستىدىكى قويۇلغان سۇ باسمىنى ئۈنۈملۈك پاكىزە يوق قىلغىلى بولمايدۇ .
بۈگۈن ئېلىپ كەلگەن كومپيۇتېر نۇسخىدىكى فىلىم ئۈستىگە قويۇلغان سۇ باسمىنى يوق قىلىش دېتالى سىزنىڭ بۇ باش قېتىنچىلىقىڭىزنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدۇ .
بۇ دېتال ئارقىلىق مەيلى كىنو فىلىم مەيلى رەسىم بولسۇن ، ئۈستىگە قويۇلغان سۇ باسمىنى تۈپتىن ئەسلى ھالىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا چىقىرىپ بېرەلەيدۇ .
سىز پەقەت دېتالنى قوزغىتىپ سۇ باسما بار ئورۇننى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ، باشقا ئالاھىدە كۆپ مەشغۇلات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
يىڭىلىقلاردىن بەھرىمان بولاي دىسىڭىز ئىلخەتكە باغلاپ قۇيۇڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
تىزىملىتىش
تىز كىرىش