幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客

ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى

سالام كۆپچىلىك،ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن~

ئەينا مانا دەپ بۇ يىلمۇ تۈگىدى،ئىزھار تور تىخنىكا گورۇپىسىدىكى ياش باللا يىڭى يىلنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىزھار ئەپچاقنىڭ ئادەتتىكى نۇسقىنى كەڭ تورداشلارغا ھەقسز تارقىتىشنى لايىق تاپتۇق.

خوش ئۇنداقتا ئاۋال ئەپچاقنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈپ باقايلى…

图片[1]-ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客

بۇ نۇسقىدىكى ئەپچاقنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىزھارنىڭ چوڭ ئەپچاق بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ بۇ ئەپچاققا ھىچقانداق رەسمىيەت كەتمەيدۇ(ئەپچاقنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش،ياكى قايسى تۈرنى قوشۇشنى ئىزھار بىلوگى ئورگان توپىدا سورىساڭلا بولىدۇ)

بۇ ئەپچاقنىڭ ئىلان ئورۇنلىرىنى پۈتۈنلەي ئارقا بەتتىن باشقۇرىسىز،ئىلان كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن دىتال چۈشۈرۈش(دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ)ئىقتىدارى بار بولۇپ بۇلارنىمۇ ئارقا بەتتىن باشقۇرسىڭىز بولىدۇ.

图片[2]-ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客

ئەپچاققا دىتال يوللىغاندا دىتال ئۇلانمىسىنى كىرگۈزسىڭىز ئۈستىدىكى سول تەرەپتىكى رەسىمدىكىدەك دىتال چۈشۈرۈش كونۇپكىسى پەيدا بولۇپ شۇ كونۇپكىنى باسقاندا ئىلان كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە ئىلان كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئاپتۇماتىك كۆچۈرىلىدۇ.

ئەپچاققا دەرىس يوللىغاندا دىتال ئۇلانمىسىنى كىرگۈزمىسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى رەسىمدىكىدەك مەزمۇن ئارىسىغا دىتال چۈشۈرۈڭ دەپ قىستۇرلىۋامايدۇ .(بۇ نۇسقىغا يازما ئاخىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىلان كۆرۈڭ دىگەندەك ئىقتىدار قوشۇلمىدى،ئىھتىياجى بارلارغا ھەقلىق قوشۇپ بەرسەك بولىدۇ)

ئەپچاقنىڭ ئارقا بىتىنى قاچىلاش

مەزكۇر ئەپچاق ۋوردپىرىس رامكىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئەپچاقنىڭ ئارقا بىتىنى ۋوردپىرىس قىستۇرمىسى شەكلىدە قاچىلاپ ئىشلىتىمىز.(قانداق قاچىلاش توغرىسىدا ئىزھار بىلوگىغا ئايرىم دەرىسلىك يوللانغان،ياكى ئىزھار بىلوگى ئۈندىدار توپىدا سورىساڭلارمۇ بولىدۇ

ئەپچاق ئادەتتىكى نۇسقىسى پۈتۈنلەي ئىچىۋتىلگەن بولۇپ قىزىققۇچىلار ئۆزگەرتىپ يىزىپ ئىشلەتسە تامامەن بولىدۇ.ئادەتتىكى نۇسقا ئەپچاق ئىزھار بىلوگىدا ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ داۋاملىق تۈردە ھەقسىز نەشىرىنى يىڭىلاپ تۇرىمىز،بىز تەمىنلىگەن بۇ ئەپچاقنى باشقىلارغا پۇلغا سىتىشتىن ئىھتىيات قىلىڭ.(خىجىل بولاڭ دىمەكچى بۇ يەدە)

قىستۇرما ئەسكەرتىش

زىبىل ئۇسلۇبى ئىشلەتكەنلەرگە قارىتا ئارقا بەت ھۆججىتى ئىچىدىكى izharapp.php نىڭ ئىچىدىكى رەسىمدىكى بىر قۇرنى ئېلىۋېتىشى كىرەك ،بوممىسا خاتالىق كۆرلىدۇ،بۇ قۇرنى ئېۋەتكەندىن كىيىن ئالدى بەت تۈر رايونى ئىشلىمەيدۇ.

图片[5]-ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客

دىتال يوللاش

ئەپچاققا دىتال يولىغاندا ئارقا بەت تەھرىرلىگۈچنىڭ ئاستىدا 资源设置 دەپ بىركىچىك بۆلەك كۆرنىدىغان بولۇپ شۇ يەرگە تەمىنلىندىغان دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى يىزىپلا قويساق بولىدۇ.

图片[6]-ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客

ئايلانما رەسىم ۋە تەۋسىيە

ئەپچاقنىڭ ئايلانما رەسىمى ۋە تەۋسىيە يازمىلىرىغا بىز يوللىغان يازمىلارنىڭ id نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ قويساقلا

بولىدۇ،مەسىلەن ئەپچاقتىكى «سالام ئىزھار» ناملىق يازمىنى مەن ئايلانما رەسىمگە توغۇرلىماقچى،ئۇ يازما بولسا مەن يولىغان تۇنجى يازما بولۇپ id سى بولسا 1 شۇڭلاشقا مەن بۇ يازمىنىڭ id نۇمۇرىنى ئەپچاق باشقۇرۇشتىكى 首页设置 نىڭ ئىچىدىن 幻灯片 دىگەن تۈرگە كىرگۈزۈپ قويساملا بولدى دىگەن گەپ

.

图片[7]-ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客

ئاۋات مەزمۇننىڭ تەۋسىيەلىنىش قايىدىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ…

ئەپچاق توغرىسدا سورايدىغان سوئاللار بولسا يەنىلا ئىزھار بىلوگى ئۈندىدار توپىدا سورىساڭلا بولىدۇ،ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارنى يەنە بىر قىتىم تەبرىكلەيمىز.

ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى-UTLUK博客
ئىزھار ئەپچاق 2.0 ئادەتتىكى نۇسقا ھەقسىز تارقىتىلدى
مەزكور مەزمۇن ھەقسىز ماتىريال كىرگەندىن كىيىن كۆرۈڭ
يۈەن0
ھەقسىز ماتىريال
©ئەسەر ھۇقۇقى توربىكىتىمىزگە تەۋە
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك0ياقتۇرۇش يوللاش
ئىنكاس جەمئى5پارچە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز