幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客
幻灯片-UTLUK博客

ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى

ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى

بىز ئادەتتە ئۈندىدار چىقىم قىلىمىز، مەيلى تاكسىدا ئولتۇرايلى ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋالايلى، ھەممىسىدە ئۈندىداردا چىقىم قىلىش ئىنتايىن قولايلىق. ناۋادا پۇل تۆلەش جەريانىدا قارشى تەرەپكە پۇلنى خاتا ئەۋەتىپ قالساق قانداق قىلىمىز؟ تونۇشلار بولسىغۇ تېلېفون قىلىپلا دېسەك بولىدۇ، ئەگەر تونۇمايدىغان كىشىلەر بولۇپ قالسىچۇ؟ ساقچىغا مەلۇم قىلامدۇق؟ ياق، ئاۋۋال ھودۇقماي تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ. بۇ ئۇسۇلمۇ كارغا كەلمىسە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرى سوممىلىق چىقىم قىلغاندا ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا ئارتۇق پۇل تۆلەپ سېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بايقىغان بولساق، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىمىز.

قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە

ئاۋۋال بىز بىرەيلەنگە ئۈندىداردا بەش موچەن پۇل ئاتتۇق…:

图片[1]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

图片[2]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

بىر ئادەتتە ئۈندىداردا چىقىم قىلغاندا «ئۈندىداردا چىقىم قىلىش» (微信支付)غا قانچە پۇل چىقىم قىلغىنىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى ئاچىمىز.

图片[3]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

يۇقىرىدىكىدەك تاللاش كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئىسترېلكا كۆرسەتكەن ئورۇندىكى «پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش» (联系收款方)نى باسىمىز.

图片[4]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

يۇقىرىقىدەك خەت قالدۇرۇش بېتى چىققاندىن كېيىن، قارشى تەرەپكە دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى خەت ئارقىلىق يېزىپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوشۇپ قالدۇرۇپ، «قالدۇرغان سۆزنى يوللاش» (发送留言)نى باسىمىز

.

图片[5]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

图片[6]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客
图片[7]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

بىز بايا قالدۇرغان ئۇچۇر قارشى تەرەپكە يۇقىرىدىكىدەك بارىدۇ. قارشى تەرەپ كۆرسىلا ئۇچۇر قايتۇرالايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىكى ياخشى بولسىلا، سىزگە پۇلىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ بىرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇل كارغا كەلمىسە، دەرھال قانۇن ئورگانلىرىدىن ياردەم سوراڭ (ئەلۋەتتە، بەش موچەنگە ياردەم سورىغىلى بولمايدۇ، لېكىن زور سوممىلىق پۇل بولسا قانۇن ئورگانلىرى سىزگە باش قېتىنچىلىقڭىزنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ)

.

图片[8]-ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客

ئىمممم… ھېلىقى… ناۋادا مەبىتى يوق بىرەر لوبەن خېنىمنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ قالساڭلارمۇ بۇ ئۇسۇل خېلى ئەسقاتىدۇ…قانداق؟ بۇ ئۇسۇل بولامدىكەن…

????

ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى-UTLUK博客
ئۈندىداردا خاتا ئىتىپ قالغان پۇلنى قايتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى
مەزكور مەزمۇن ھەقسىز ئوقۇشلۇق كىرگەندىن كىيىن كۆرۈڭ
يۈەن0
ھەقسىز ئوقۇشلۇق
©ئەسەر ھۇقۇقى توربىكىتىمىزگە تەۋە
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك0ياقتۇرۇش يوللاش
ئىنكاس مەدەنى يىزىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز